alpsoft

ئورنىڭىز: باشبەت > مەھسۇلاتلار >

ئالما كومپيۇتېرى كۆپ تىللىق يېزىق كىرگۈزگۈچىسى

ئۇچۇر تۈرى: سىناق: ئەسلى باھا: 0 يۈەن ئېتىبار باھا: 0 يۈەن ماركىسى: ئالپسوفت بىرلىكى: قاپ يوللانغان ۋاقتى: 11-11-15 02:16 كۆرۈلۈش قېتىمى:
مال ھارۋىسى: تەكشۈرۈش سېتىۋېلىش:
تاۋار تەپسىلاتى
  

Macintosh مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش

يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاش ياردەم ھۆججىتى

 

     شىنجاڭ ئالپ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ Macintosh مەشغۇلات سىستېمىسىغا مەخسۇس ئىشلىگەن يېزىق كىرگۈزگۈچىسىنى تاللاپ ئىشلەتكىنىڭىزگە رەھمەت!

     تۆۋەندە، مەزكۇر يېزىق كىرگۈزگۈچنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش ۋە تاللاپ ئىشلىتىش قەدەم باسقۇچلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

     1- قەدەم، alpsoft_mac_input.zip ھۆججىتىنى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىپ، پرىسنى يەشكەندىن كېيىن، يېشىلگەن مۇندەرىجە ئىچىدىكى apsoft input دېگەن قاچىلاش پروگراممىسىنى قوش چېكىپ قوزغىتىمىز. ياكى alpsoft input.dmg نى قوش چېكىپ ئېچىلغان مۇندەرىجە ئىچىدىكى alpsoft input نى ئىجرا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

     2- قەدەم، قاچىلاش پروگراممىسى قوزغالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

بۇ كۆزنەكتىن Continue نى بېسىپ كېيىنكى باسقۇچقا كىرىسىز.

بۇ كۆزنەكتىكى Continue كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىسىز، Go Back كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئالدىنقى كۆزنەككە قايتىدۇ.

     بۇ كۆزنەكنىڭ يۇقىرىسىدا ئېچىلغان كۆرسەتمىدىكى Agree كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاشنى جەزىملەشتۈرىسىز.

     بۇ كۆزنەكتىكى Mac OS X دەپ كۆرسىتىلگىنى Macintosh مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان قاتتىق دىسكا رايونى بولۇپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى Macintosh مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان دىسكىنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن، Continue كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرىسىز.

    

     بۇ كۆزنەكتىنمۇ Continue كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

     بۇ كۆزنەكتىن Quit كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز قاچىلاش پروگراممىسى تاقىلىپ، مەزكۇر يېزىق كىرگۈزگۈچ كومپيۇتېرىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىنىدۇ.

 

     3- قەدەم، يېزىق كىرگۈزگۈچنى تاللاپ ئىشلىتىش.

     ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىدىكى يېزىق كىرگۈزگۈچ تاللاش سىنبەلگىسىنى چەكسەك، يۇقىرىدىكى رەسىدىكىدەك تىزىملىك ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى 打开语言与文本 دېگەن تاللاشنى باسساق، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ.

     بۇ كۆزنەكتە قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان Uyghur_unicode ۋە Uyghur_UYY ناملىق ئىككى يېزىق كىرگۈزگۈچ ھۆججىتىگە توغرا بەلگىسىنى قويۇپ، مەزكۇر كۆزنەكنى ئۆچۈرۈپ چېكىنسىڭىزلا بولدى.

     ئاندىن كېيىن، يېزىق كىرگۈزۈش تاللاش ئورنىدىن بۇ ئىككى خىل يېزىق كىرگۈزگۈچنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.

     Uyghur_unicode ناملىق يېزىق كىرگۈزگۈچ ئۆلچەملىك كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىلەن تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنى كۆرسىتىدۇ.

     Uyghur_UYY ناملىق يېزىق كىرگۈزگۈچ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھەسى بويىچە ئىشلەنگەن يېزىق كىرگۈزگۈچنى كۆرسىتىدۇ.

     (ئەسكەرتىش: Uyghur_UYY ناملىق يېزىق كىرگۈزگۈچكە، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھەسىدىكى Ö ö، Ü ü، É é لاردىن ئىبارەت ئالتە دانە ئالاھىدە ھەرپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا، تۈركچە ۋە ئازەربايجانچە ئۆگىنىۋاتقانلارغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ ئىككى يېزىقتىكى بىر قىسىم ئالاھىدە ھەرپلەرمۇ قوشۇپ قويۇلدى.)

     مەزكۇر رەسىمدە قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان command كۇنۇپكىسى بىلەن بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق يېزىق كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

     4- قەدەم، Macintosh مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئەلالاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرچە سىستېما خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش.

     مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان قاتتىق دىسكىنى ئاچقاندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى رەسىمدىكىدەك مۇندەرىجىلەر كۆرۈنىدۇ، بۇ مۇندەرىجىلەر ئىچىدىن 系统 نى قوش چېكىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 资源库 مۇندەرىجىسىگە كىرىمىز، ئاندىن بۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى Fonts مۇندەرىجىسىنى قوش چېكىپ ئاچىمىز. بۇ چاغدا تۆۋەندىكىدەك خەت نۇسخىلىرى كۆرۈنىدۇ:

     بۇ رەسىمدە قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان ئىككى دانە خەت نۇسخىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز، ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىلگەندە ئىم (پارول) نى سورايدۇ، ئىمنى كىرگۈزگەندىن كېيىن بۇ ئىككى دانە خەت نۇسخىسى ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن، يېزىق كىرگۈزگۈچ بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن GeezaPro.ttf ۋە GeezaProBold.ttf دېگەن ئىككى دانە خەت نۇسخىسىنى مۇشۇ مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرىمىز، بۇ ۋاقىتتا يەنە ئىمنى سورايدۇ، ئىمنى كىرگۈزگەندىن كېيىن خەت نۇسخىسى مەزكۇر مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرۈلىدۇ.

 

※                ※                ※

     مەزكۇر يېزىق كىرگۈزگۈچ كومپيۇتېرغا تۆۋەندىكى خەت نۇسخىلىرىنى بىللە قاچىلايدۇ:

Alpsoft Basma.ttf

Alpsoft Basma Bold.ttf

UKIJ Mac_Basma.ttf

UKIJ Mac_Basma Bold.ttf

UKIJ Mac_Ekran.ttf

UKIJ Mac_Ekran Bold.ttf

شىنجاڭ ئالپ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

------ ئايرىش سىزىقى ----------------------------
ئىنكاس يوللاش
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھالاڭ:
چىراي ئىپادە:
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار تەپسىلىي ئىنكاس يېزىش >>
سەھىپە تىزىملىكى
تەۋسىيە ماللار
ئېسىل ماللار