رۇس تىلى ئېلىپبەسى
مەزكۇر «رۇس تىلى ئېلىپبەسى» ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە ئىككى خىل تىل يېزىقتا يېزىلغان دەرسلىك كىتاب بولۇپ، كىتابقا يەنە ئوپتىك پلاستىنكا قوشۇلغان، پلاستىنكىدا كىتابتىكى خام سۆز، تېكىست، دىئالوگ، مەشىقلەرنىڭ رۇس تىلىدا ئۆلچەملىك ئوقۇلغان ئاۋاز ھۆججىتى ۋە رۇس تىلىنى كارتۇنلۇق ئۆگىنىش يۇمشاق ماتېرىيالى تەمىنلەنگەن. پلاستىنكىدىكى ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى كىتاب بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، رۇس تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلىشىش ۋە ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يۇمشاق ماتېرىيالدىكى قىزىقارلىق ئۇيۇنلار ۋە مەشىقلەر ئارقىلىق رۇس تىلى ئېلىپبەسىدىن تېز ساۋات چىقىرىشقا بولىدۇ.
رۇسچە-ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ نەشر نومۇرى: ISBN 978-7-5370-6698-3
رۇسچە-قازاقچە كىتابنىڭ نەشر نومۇرى: ISBN 978-7-5370-6699-0
شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا توپ ۋە پارچە سېتىلىدۇ.

1- رەسىم: كىتاب ۋە دىسكا

2-رەسىم: ئۇيغۇرچە نۇسخىلىق كىتابتىن كۆرۈنۈش.

3-رەسىم: ئۇيغۇرچە نۇسخىلىق كىتابتىن كۆرۈنۈش.

4-رەسىم: قازاقچە نۇسخىلىق كىتابتىن بىر بەت كۆرۈنۈش.

5- رەسىم: كىتاب بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن ئوپتىك دىسكىغا ئويۇلغان رۇس تىلىنى كارتۇنلۇق ئۆگىنىش يۇمشاق ماتېرىيالىدىن كۆرۈنۈش.

6- رەسىم: كىتاب بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن ئوپتىك دىسكىغا ئويۇلغان رۇس تىلىنى كارتۇنلۇق ئۆگىنىش يۇمشاق ماتېرىيالىدىن كۆرۈنۈش.

7- رەسىم: كىتاب بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن ئوپتىك دىسكىغا ئويۇلغان رۇس تىلىنى كارتۇنلۇق ئۆگىنىش يۇمشاق ماتېرىيالىدىن كۆرۈنۈش.


















