قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ياردەمچىسى

قاچىلاش پروگراممىسى قوزغىتىلغاندىن كېيىن، يۇقىرىدىكىدەك قارشى ئېلىش كۆزنىكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىرگە يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش باشلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىن «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىن يۇمشاق ماتېرىيالنى قاچىلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرىشكە بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى رەسىمدە قاچىلاش پروگراممىسى كېرەكلىك ماتېرىياللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلىماقتا.

قاچىلاش پروگراممىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ، بۇنىڭدىن «تامام» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ، بۇنىڭدىن «جەزىملەشتۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىدۇ، «قالدۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز كومپيۇتېر قايتا قوزغىتىلمايدۇ. يۇمشاق ماتېرىيالنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يۇمشاق ماتېرىيال كومپيۇتېر ئېكران يۈزىگە يۇقىرىدىكى سىنبەلگىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ سىنبەلگىنى قوش چەككەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك يۇمشاق ماتېرىيالنى تىزىملاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىكى «خاسلىق نومۇرى» دېگەن كاتەكچىدىكى 16 خانىلىق نومۇر يۇمشاق ماتېرىيال قاچىلانغان كومپيۇتېرنىڭ خاسلىق نومۇرى بولۇپ، بۇ خاسلىق نومۇرىغا ئاساسەن «تىزىملاش نومۇرى» ھاسىل قىلىنىدۇ، »تىزىملاش نومۇرى» غا ئېرىشىش ئۈچۈن، سېتىۋالغۇچى ئۆزىدىكى «مۇلازىمەت كارتا نومۇرى» ۋە » كومپيۇتېرىنىڭ «خاسلىق نومۇرى» غا ئاساسەن ساتقۇچى تەرەپتىن «تىزىملاش نومۇرى» تەلەپ قىلىدۇ. ھەمدە ئېرىشكەن «تىزىملاش نومۇرى» نى تىزىملاش نومۇرى كىرگۈزۈلىدىغان كاتەكچە ئىچىگە تولدۇرغاندىن كېيىن «تىزىملاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تىزىملاش مەشغۇلاتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

يۇمشاق ماتېرىيال مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملانغاندىن كېيىن، ئېكراندا «تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دېگەن ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. مەزكۇر يۇمشاق ماتېرىيالنى مەزكۇر كۇمپيۇتېردا ئېرىشكەن «تىزىملاش نومۇرى» غا ئاساسەن مەڭگۈ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «تىزىملاش نومۇرى» نى پۇختا ساقلاش لازىم.


















