|
1. باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1- ماددا، بۇ قانۇن زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، شىركەتنىڭ تەشكىلى ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شىركەت، پايچى ۋە ھەقدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 2- ماددا، بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شىركەت بۇ قانۇنغا ئاساسەن جۇڭگو تەۋەسىدە قۇرۇلغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى ۋە چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 3- ماددا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى ۋە چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانا ھېسابلىنىدۇ. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى ۋە پايچىلار ئۆزلىرى چىقارغان مەبلەغنى چەك قىلغان ھالدا شىركەتنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ بارلىق كاپىتالى تەڭ سوممىلىق پايغا بۆلۈنىدۇ، پايچى ئۆزى قوشقان پاينى چەك قىلىپ شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ قەرز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 4- ماددا، شىركەتنىڭ پايچىلىرى مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىركەتكە قوشقان كاپىتالىنىڭ مىقدارى بويىچە ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال-مۈلۈكتىن، چوڭ تەدبىرلەرنى بەلگىلەش، باشقۇرغۇچىنى تاللاش قاتارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. شىركەت پايچىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن شەكىللەنگەن بارلىق مال-مۈلۈككە قانۇنىي ئىگە بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شىركەتنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى مال-مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى دۆلەتكە مەنسۇپ بولىدۇ. 5- ماددا، شىركەت ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىگە قانۇنىي جەھەتتىن ئىگە بولىدۇ، قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ، پايدا-زىيانغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. شىركەت ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش، مۈلۈك قىممىتىنى ساقلاش، ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش-تىزگىنلىشى ئارقىسىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ. 6- ماددا، شىركەتتە ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش، ئىلمىي باشقۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. 7- ماددا، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنى شىركەتكە ئۆزگەرتىشتە قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەلەپلەر بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمنى ئۆزگەرتىش، مال-مۈلۈكنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېنىقلاش، مۈلۈك ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىنى ئېنىقلاش، مۈلۈكنى باھالاش، قېلىپلاشتۇرۇلغان ئىچكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش كېرەك. 8- ماددا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى، چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنى قۇرۇش بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى دەپ تىزىمغا ئېلىنىدۇ، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ياكى چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى دەپ تىزىملاشقا بولمايدۇ. قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا شىركەت قۇرۇشتا تەستىقلىتىش لازىملىقى بەلگىلەنگەن بولسا، شىركەتنى تىزىملاشتىن ئىلگىرى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش كېرەك. 9- ماددا، بۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى شىركەتنىڭ نامىغا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دېگەن سۆزنى يېزىپ قويۇشى كېرەك. بۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى شىركەتنىڭ نامىغا چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى دېگەن سۆزنى يېزىپ قويۇشى كېرەك. 10- ماددا، شىركەت ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينى ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى قىلىدۇ. 11- ماددا، شىركەت قۇرۇشتا بۇ قانۇن بويىچە شىركەتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. شىركەتنىڭ نىزامنامىسى شىركەت، پايچى، مۇدىرىيەت ئەزاسى، نازارەت كومىتېتى ئەزاسى، دىرېكتورلارنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدا بەلگىلىنىدۇ ۋە قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇلىدۇ. شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىدىكى قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان تۈرلەرنى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش كېرەك. شىركەت تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. شىركەت قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شىركەتنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ ۋە شىركەتنى تىزىملىغان ئورگانغا تىزىمنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. 12- ماددا، شىركەت باشقا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى، چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالسا بولىدۇ ھەمدە سالغان مەبلىغىنى چەك قىلىپ، مەبلەغ سالغان شىركەت ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شىركەت باشقا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى، چەكلىك پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغان بولسا، گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەبلەغ سېلىش شىركىتى ۋە پاي تىزگىنلەش شىركىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ جەمئىي سالغان مەبلىغى ئۆز شىركىتىنىڭ ساپ مۈلكىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، مەبلەغ سېلىنغان شىركەتنىڭ پايدىسىدىن ئاشقان كاپىتالنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاشقان سوممىسى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. 13-ماددا، شىركەت شۆبە شىركەت قۇرسا بولىدۇ. شۆبە شىركەت قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانا سالاھيىتىگە ئىگە بولمىسا، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى شىركەت ئۈستىگە ئالىدۇ. شىركەت بالا شىركەت قۇرسا بولىدۇ، بالا شىركەت قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى كارخانا سالاھىيىتىگە ئىگە بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ. 14- ماددا، شىركەت تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا قانۇنلارغا، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ھۆكۈمەت ۋە جامائەتچىلىكنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. شىركەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىمايدۇ. 15- ماددا، شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى، ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇشى كېرەك. شىركەت ھەر خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي مائارىپى ۋە ئىش ئورنىدا تەربىيىلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 16- ماددا، شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. شىركەت ئۆز شىركىتىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا زۆرۈر پائالىيەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەر، دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق كارخانا ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى مەبلەغ سالغۇچى باشقا گەۋدىلەر مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئىككىدىن ئارتۇق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. 17- ماددا، شىركەتتىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 18- ماددا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىگە بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، جۇڭگو-چەت ئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، ئۇلارغا شۇ بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. (مەسئۇل تەھرىر: ئاتامان) |










