alpsoft

ئېغىرلىق بىرلىكلىرى

ۋاقتى: 2011-11-15 19:02مەنبە: ئالپسوفت ئاپتورى: ئاتامان كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئارتىم بىر قېتىم ئارتىشقا بولىدىغان يۈك. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز قەدىمدە يۈكلەرنىڭ

 

ئارتىم– بىر قېتىم ئارتىشقا بولىدىغان يۈك. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز قەدىمدە يۈكلەرنىڭ تۆگە، ئات، كالا، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارغا ئارتىپ توشۇيتتى. تەتقىقاتچىلارنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە ئۇ 83.3 كىلوگرامغا تەڭ بولغا. ئارتىم ()
شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى. «بادمان» كېيىنچە «پاتمان» غا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بادمان
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلغان ئەڭ كىچىك ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بۇغداي
شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچىمى، يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتلىشىچە پاتمان 180 كىلوگرامدىن 300 كىلوگرامغىچە ياكى بىر پۇتتىن ئىككى پۇتقىچە بولغان ئېغرلىق ئۆلچىمىنى كۆرسەتكەن. پاتمان ھەم ئېغرلىق ئۆلچەم بىرلىك ھەم مەيدان بىرلىكى ئورنىدا قوللىنىلغان. ئېغىرلىق بىرلىكى بويىچە ئىشلىتىلگەندە بىر پاتمان دەسلەپ 4 دادەن 5 كۈرەگە يەنى 540 جىڭغا، كېيىن 630 جىڭغا تەڭ بولغان. پاتمان
پونت (pound)–ئەنگلىيە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، قىسقارتىپ «ld» يېزىلىدۇ.0.45359237=1ld پونت
قەدىمكى روسىيىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پۇت تەخمىنەن 11.25دىن 12.75 گىچە خەرۋار بولىدۇ. خەرۋار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، غازانغان دەۋىردە بىر خەرۋار 83.3 كىلوگرامغا تەڭ بولغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر خەرۋار بىر ئېشەك يۈكى ئېغىرلىقىدا بولغان. شىنجاڭدا بىر پۇت تەخمىنەن 32 جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئاشلىق، بىر پۇت يەر شۇنچىلىك ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر كۆلىمىنى ياكى بىر جۈپ قوش كالىسى بىلەن بىر كۈندە ھەيدەپ بولغىلى بولىدىغان يەر كۆلىمىنى بىلدۈرگەن. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» دە بىر پۇت 16.83 كىلوگرام بولىدۇ دېيىلگەن. پۇت
تاڭ– قەدىمكى خوتەن ساك تىلىدىكى thamga دىن كەلگەن ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە پاختا، يۇڭ تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان بولسا كېرەك. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچىمىدە بىر دەن 100 جىڭ ياكى 50 كىلوگرامغا؛ بىر سېنتنېر 100 كىلوگرامغا تەڭ بولغان. تاڭ
توننا–فرانسۇز تىلىدىن كەلگەن ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر توننا 1000 كىلوگرامغا تەڭ، ئەينى ۋاقىتتا بىر توننا 12 دادەنگە باراۋەر قىلىپ ھېسابلانغان. توننا
شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى () دىن كەلگەن. ئەينى دەۋىردە بىر جىڭنى 1.5 قاداققا باراۋەر قىلىپ ھېسابلىغان. نۆۋەتتە خەلقئارادا بىر جىڭ 500 گرامغا ياكى 0.5 كىلوگىرامغا تەڭ. ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بازار سىستېمىسى ئۆلچىمىدە بىر جىڭ 10 سەرگە تەڭ. جىڭ
چارەك–پارىسچە سۆز بولۇپ، «تۆتتىن بىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئادەتتە، ۋاقىت، ئېغىرلىق، مەيدان ۋە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى قىلىپ قوللىنىلىدۇ. چارەك
چاقسا تەخمىنەن 200 گىرامغا، يەنى بىر كىلوگرامنىڭ 1/5 ىگە تەڭ. چاقسا
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى. قەدىمدە بىر خەرۋار 300 كىلوگرام بويىچە ھېسابلانغان ۋە «بىر ئېشەك يۈكى» دېيىلگەن. چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە غازانخان دەۋرىدە بىر خەرۋار 83.3 كىلوگىرامغا تەڭ بولغان. خەرۋار
خو پاتماننىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى–ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىمالىي شىنجاڭدا كۆپرەك قوللىنىغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا «پاتمان» قوللىنىلغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ئۆلچەش ئەسۋابى بولۇپ، بىر خو 10 كۈرىگە توغرا كېلەتتى. خو
ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئېغىرلىق ھەم سىغىم ئۆلچەم بىرلىكى. خەنزۇچە «» دىن كەلگەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىنجاڭدا بىر دادەن 400 جىڭ، يەنى 200 كىلوگرامغا سۇندۇرۇپ ھېسابلانغان. دادەن
دانى (dhnane) –قارۇشتى يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە دائىر ھۆججەتلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. ئۇ پارس تىلىدىكى dang دىن كەلگەن. قەدىمكى پېرىسىيدە 1 دانى 0.25 دىرەمگە تەڭ بولغان. دانى
بۇ رۇسلارنىڭ يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى، بىر دېسەنتىنا 15 مو يەرگە تەڭ بولغان. دېسەنتىنا
دېكاگرام–خەلقئارا ئۆلچەم بىرلىكلەر سىستېمىسىدىكى ھاسلىۋى بىرلىك.1dag=10g دېكاگرام
دېكىگرام (decagram) خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. دېكىگرام
دىراھما(drachma) شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە ئائت ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى دىراھما
سادېرا(sadera) ئېغىرلىق بىرلىكى بولۇپ، شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە دائىر ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر سادېرا 15.08 گىرامغا تەڭ بولغان. قەدىمكى يۇناندا بىر سادېرا 4 دىراھماغا تەڭ بولۇپ، بىر دىراھمانىڭ ئېغىرلىقى 3.411 گرام كېلىدىكەن. سادېرا
شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئادەتتە ئالتۇن–كۈمۈش، دورا–دەرمەك قاتارلىق بۇيۇملارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ.ئېلىمىزنىڭ كونا ئۆلچەم بىرلىكلىرى قانۇنىدا 16 سەر بىر جىڭغا ياكى 10 مىسقالغا تەڭ دەپ بەلگىلەنگەن.كېيىن ئۇ بىر جىڭنىڭ 1/10 گە تەڭ بولۇپ، بىر سەر 50 گرامغا تەڭ بولغان. سەر
سىما جىڭى (司马斤)–شياڭگاڭ –ئاۋمېن رايوندا قولىنىلىدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر سىما جىڭى 16 سەرگە ياكى 604.79 گرامغا تەڭ سىما جىڭى
قاداق–ئىنگلىز ماسسا بىرلىكى. بۇ ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قاداق ۋە ئالتۇن سودىسىدىكى قاداق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان 1 قاداق 0.454 كىلوگرامغا تەڭ ياكى بىر كىلوگرام 2.205 قاداققا تەڭ. 2240 قاداق 1 ئېنگلىز توننىسىغا؛ 2000 قاداق 1 ئامېرىكا توننىسىغا تەڭ. ئادەتتە ئىشلىتىلدىغان قاداق ئالتۇن سودىسىدىكى قاداقنىڭ 1.215 ھەسسىگە تەڭ بولىدۇ. قاداق
ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. كانتار
كىرات–خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىدىغان مەخسۇس گۆھەر تاشلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى. كىرات
گېكتوگرام–خەلقئارادا ئۆلچەم سىسىتېمسىدىكى ھاسلىۋى بىرلىك قىسقارتىپ «hg» يېزىلىدۇ. 1hg=10g گېكتوگرام
گىرەيىن–ئەنگلىيىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، قىسقارتىپ «gr» يېزىلىدۇ.1gr=(1/7000)lb=64.7989mg گىرەيىن
مەن ئەسلىدە ئەنجاننىڭ ئېغىرلىق بىرلىكى بولۇپ، ئاشلىق ئۆلچەيدىغان مەن ۋە ئالتۇن–كۆمۈش ئۆلچەيدىغان مەن دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. 1 مەن 2.944 كىلوگرامغا تەڭ كېلىدىكەن. يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قوللىنىلغان. ھازىر تۈركمەنلەردە 1مەن ئىككى پۇتقا توغرا كېلىدۇ. مەن
مىسقال–پارس تىلىدىكى سۆز بولۇپ، پۇل ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. شىنجاڭدا بىر مىسقال 1/10 سەرگە يەنى 4.68 گىرامغا تەڭ. مىسقال
مىلىما–شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسقىلەردە ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، قەدىمكى نىيا بەگلىكى قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك قوللنىلغان مىلىما
نادا (nadha) سانسىكرىت تىلىدىكى «قاپ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئېغىرلىق ھەم ھەجىم بىرلىكى. بىر نادا 15 مىلىماغا تەڭ نادا
ئونسىيە (ounce)–ئەنگلىيىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بازار سودىسىدىكى بىر ئونسىيە 28.35 گىرامغا، ئالتۇن سودىسىدىكى ئونسىيە 31.10 گرامغا تەڭ. ئۇ يەنە سىغىم بىرلىكى بولۇپ، بىر ئونسىيە 60 گاللۇنغا ياكى 0.0284 لىتىرىغا تەڭ قىسقارتىپ «oz» يېزىلىدۇ.1oz=(1/16)lb=437.5gr=28.3495g ئونسىيە

 

(مەسئۇل تەھرىر: ئاتامان)
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------ ئايرىش سىزىقى ----------------------------
ئىنكاس يوللاش
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھالاڭ:
چىراي ئىپادە:
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار تەپسىلىي ئىنكاس يېزىش >>