alpsoft

ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكلىرى

ۋاقتى: 2011-11-15 15:57مەنبە: ئالپسوفت ئاپتورى: ئاتامان كۆرۈلۈشى: قېتىم
ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئاي شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى، بىر ئاي ئادەتتە پسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 29،30،31 كۈن بو

ئاي شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى، بىر ئاي ئادەتتە پسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 29،30،31 كۈن بولىدۇ.

ئاي ()

كالىندار ھېسابىدىكى 100 يىلنى بىر بىرلىك قىلغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر ئەسر 100 يىلغا تەڭ. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئەسر 30 يىلنى كۆرسىتەتتى. چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى مىللەتلەر 32 يىلنى بىر ئەسر ھېسابلايتتى.

ئەسر (世纪)

بىر ۋاق ئاش (تاماق) نىڭ پىشىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت؛ بىر ئاش پىشقۇچىلىك ۋاقىت

بىر ئاش پىشىم (一时)

قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر پاس ئادەتتە بىر كېچە–كۈندۈزنىڭ 1/18 ىگە توغرا كېلىدۇ.

پاس

قەدىمكى كىشلەر بىر يىل ئىچىدىكى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ئەھۋالغا ئاساسەن، بىر يىلنى باھار، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. بىر پەسىل ئۈچ ئاي.

پەسىل (季节)

قەدىمكى ھىندىستاندا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، 1 پەھەر 3 سائەتكە توغرا كېلىدۇ.

پەھەر

جۇ– ئەرەب تىلىدا «چىللە» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە «يازغى چىللە»، «قىشلىق چىللە» دەپ ئايرىلىدۇ. خەنزۇلاردىكى جۇ قىشلىق چىللىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ ئىككى خىل ئاتلىشى تەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر جۇ 9 كۈن بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن–تۈن تەڭلەشكەن كۈن (22–دېكابىر) دىن باشلاپ ئەتيازلىق كۈن تۈن تەڭلەشكەن كۈن (21–مارت) گىچە بولغان 81 كۈن 9 جۇغا بۆلىنىدۇ.

جۇ ()

كالىندار ھېسابىدا بىر پۈتۈن ۋاقىت بىرلىكىنىڭ تۆتتىن بىرى، چارەك ئەسر–25 يىلنى؛ چارەك سوتكا-6 سائەتنى؛ چارەك سائەت –15 مىنۇتنى بىلدۈرىدۇ.

چارەك ()

ۋاقىت ھېسابىدا سېكۇنتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكىگە تەڭ بولغان ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكى.

دەقىقە ()

سوتكىنىڭ 1/12ىگە تەڭ بولغان ۋاقىت بىرلىكى. 1 سائەت 60 مىنۇت، 3600 سېكۇنتقا تەڭ

سائەت (小时)

بىر كېچە–كۈندۈز ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى. 1 سوتكا 24 سائەت بولىدۇ.

سوتكا (昼夜)

ھازىرقى ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى. 60 سېكونت 1 مىنۇتقا تەڭ

سېكونت ()

قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، 1 قەرن قەدىمكى 1 ئەسر ۋاقىتنى بىلدۈرگەن.

قەرن (纪元)

مىلادىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر پەسىلىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى، ھىجىرىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىپ، ئارىدىن بىر نەچچە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ھىجىرىيىنىڭ شۇ ئېيى مىلادى يىلىنىڭ شۇ پەسلىنىڭ شۇ مەزگىلىگە ئاساسەن توغرا كەلسە بۇ چاغدا بىر «قەرنە» ۋاقىت ئۆتكەن بولىدۇ. يەنى مىلادىنىڭ 33–يىلى ھىجىرىيىنىڭ 34–يىلى بىر قەرنە ھېسابلىنىدۇ. مۆچەل يىل ھېسابىدا 12 مۆچەلنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى، يەنى 36 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.

قەرنە (纪元)

قىران–ئەسلى مەنسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بىر قىران 25 يىلغا تەڭ. يەنە بىر خىلى تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولۇپ، بىر ئەسرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.

قىران

كالىندار ھېسابىدا تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ، قۇياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بىر كۈن بولىدۇ. بىر كېچە كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بىر كۈن 24 سائەت بولىدۇ.

كۈن ()

بۇرۇنقى زامانلاردا بىر كېچىنى 5 كە بۆلۈپ 5 قېتىم جاڭ ئۇرۇدىكەن. ھەر بىر جاڭ ئۇرۇشنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 2 سائەت بولىدىكەن . بۇ خەنزۇلاردا «» دېيىلىدۇ.

كۈزەد ()

دېھقانلار كالىندارى بويىچە بىر يىل 24 مەۋسۈم بولىدۇ.

مەۋسۈم (节气)

ۋاقىت ھېسابىدا بىر سائەتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكى، 1 مىنۇت 60 سېكونتقا تەڭ.

مىنۇت (分钟)

بۇ ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بۇ جىسملارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تېزلىكىنى ھېسابلاش ۋە مىكرو جىسملارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

نارۇ سېكونت

كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى بىر ھەپتە 7 كۈن بولىدۇ.

ھەپتە (星期)

كالىندار ھېسابىدا يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت. بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سېكونت، بىر يىل تۆت پەسىل، 12 ئاي بولىدۇ.

يىل ()

 
(مەسئۇل تەھرىر: ئاتامان)
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------ ئايرىش سىزىقى ----------------------------
ئىنكاس يوللاش
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھالاڭ:
چىراي ئىپادە:
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار تەپسىلىي ئىنكاس يېزىش >>