alpsoft

مەيدان، يۈز ئۆلچەم بىرلىكلىرى

ۋاقتى: 2011-11-15 15:44مەنبە: ئالپسوفت ئاپتورى: ئاتامان كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەيدان، يۈز ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئار فرانسۇز تىلىدىن كەلگەن مېتر سىستېمىسىدىكى 100 كۋادرات مېترغا، ياكى 0.15 موغا تەڭ بولغان يەر مەيدان ئ

مەيدان، يۈز ئۆلچەم بىرلىكلىرى

ئار — فرانسۇز تىلىدىن كەلگەن مېتر سىستېمىسىدىكى 100 كۋادرات مېترغا، ياكى 0.15 موغا تەڭ بولغان يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى. 1گېكتارنىڭ 1/100ى. ئار (公亩)
بىر قوش يەر، بىر قوش بىلەن يەنى بىر جۈپ قوش كالىسى قېتىلغان قوش بىلەن بىر كۈندە ھەيدىگىلى بولىدىغان يەر كۆلىمىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ تەخمىنەن يېرىم گېكتار كېلىدۇ، يەنى كونا ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى 8 مو يەرگە باراۋەر، ياكى يەرلىك ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى 7.5 موغا باراۋەر ئىكەن. بىر قوش يەر
يەر مەيدان ئۆلچىمى ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، مىقدارى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمتى بىر پاتماننى 37.65 موغا تەڭ دەپ بېكىتكەن. پاتمان
پۇڭ — ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى «» دىن كەلگەن. بىر پۇڭ=0.1 مو=10 لى . ئۇ يەنە پۇل بىرلىكى قىلىپمۇ قوللىنىلىدۇ. پۇڭ
قەدىمدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇب گىرۋەكلىرىدە ياشىغان كىشلەر بۇ نامنى يەر مەيدان ئۆلچىمى قىلپ قوللانغان.تاڭ سۇلالىسى دەۋىرىدە بىر دور تاڭ دەۋرىدىكى ئۆلچەم بويىچە 10 مو، يېرىم دور 5 موغا تەڭ بولغان. دور
تاختا — پارس تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، مەيدان (يۈز) بىرلىكى بولۇپ كەلگەندە ئادەتتە چاسا شەكىلىدىكى ئېتىز، قەغەز، قوغۇن–تاۋۇزلۇقلاردىكى ئىككى چۆنەك ئارىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ئۆلچىمى مۇقىم بولمايدۇ. تاختا
چىڭ سۇلالسى دەۋىرىدە بىر چارەك يەر بىر چارەك ئۇرۇق (يەنى 16 جىڭ ياكى 20 جىڭ ئۇرۇق) چېچىلىدىغان يەرنى كۆرسىتەتتى، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر چارەك يەر بىر خو يەرگە باراۋەر قىلىپمۇ ھېسابلانغان. چارەك
بۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋىردىكى يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، خەن سۇلالسى دەۋرىدە 1 چىڭ 100 موغا تەڭ ئىدى. چىڭ
جارىپ–قەدىمكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ھەرقايسى دەۋرلەردە ھەرقايسى جايلاردا ئوخشىمىغان قىممەتكە ئىگە بولغان. ئۇ پارسلاردىكى «تاناب» دېگەن ئۆلچەم بىرلىكى بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە. ئوتتۇرا ئەسرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئىران ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا بىر جارىپ 985 كۇۋادىرات مېترغا باراۋەر بولغان. جارىپ

شىق (西克) — شىق خەنزۇ تىلىدىكى () دىن كەلگەن بولۇپ، ئەسلى ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامىدىن كەلگەن. 1 شىق 10 كۈرىگە تەڭ. ئۇ يەر مەيدانى ئۆلچىمى بولۇپ كەلگەندە بىر شىق يەر=10 كۈرە ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر بولغان

شىق
بۇ نام تۇرپاندىن تېپىلغان بىر پارچە ئىقتىسادىي ھۆججەتتە «ئون ئالتە ئەر كۆمەر ئۈزۈملۈك» شەكلىدە ئۇچرايدۇ. دېمەك بۇ قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوللىنىغان مەخسۇس تەكلىك يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىغان يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك. كۆمەر
گېكتار — قەدىمكى گرېك–لاتىن تىلىدىن كەلگەن مېتر سىستېمسىدىكى يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى. خەلقئاردا 1hm2=104m2دەپ بېكىتىلگەن. بەلگىسى «ha». خەلقئارا بازار سىستېمسىدا بىر گېكتار=15مو=2.47 ئېنگلىز موسى گېكتار
مو () — خەنزۇچە يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىلشقا باشلىغان بولسا كېرەك. مو ئەسلىدە بازار سىستېمسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى «جاڭ» دىن ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، قەدىمدە بىر مو 60 كۋادرات جاڭغا تەڭ ئىدى. خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمسىغا سېلىشتۇرغاندا 1 مو 6.667 ئار، 0.164 ئېنگلىز موسىغا تەڭ. مو

 

(مەسئۇل تەھرىر: ئاتامان)
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------ ئايرىش سىزىقى ----------------------------
ئىنكاس يوللاش
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھالاڭ:
چىراي ئىپادە:
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار تەپسىلىي ئىنكاس يېزىش >>