alpsoft

ئورنىڭىز: باشبەت > چۈشۈرۈش >

كۆپ تىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزگۈچ (ئۆلچەملىك)

تەۋە تۈرى: 国产软件 نەشر شەكلى: 共享软件 تىل-يېزىقى: 简体中文 سىغىمى: 273 MB ھۆججەت تۈرى: .exe ئىجرا مۇھىتى: Win2003,WinXP,Win2000,Win9X,Vi دەرىجىسى: ★★★☆☆ يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-15 ئىگە تەرەپ: http://www.alpsoft.cn سىناق ئادرېسى: http://www.alpsoft.cn چۈشۈرۈلۈشى:
تەپسىلاتى

     مەزكۇر يۇمشاق ماتېرىيال خەلقئارا يۇنىكود ISO-10646 ئۆلچىمى، دۆلەتلىك GB21669-2008 ئۆلچىمى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمى DB65/2190-2005 ئۆلچەملىرى بويىچە ياسالغان.
      مەزكۇر يۇمشاق ماتېرىيال ئۆز ئىچىدىن ئالتە يەككە يۇمشاق ماتېرىيالدىن تەشكىل تاپقان، بۇ ئالتە يۇمشاق ماتېرىيال يەنە ئۆز ئـىـچـىـدىن 10 نـەچـچـە ئىقتىدار بۆلەكلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى توپلاشتۇرۇلغان سىستېما بولۇپ، كۆپ تىللىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىدا، تور ئوقۇتۇشىدا، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە تورلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىدە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىدە، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان يۇمشاق ماتېرىيالدۇر.

 

     يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
     1. ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈركچە، گېرمانچە، فرانسۇزچە قاتارلىق ئون خىل تىللىق بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. كىرگۈزىلىدىغان تىل تۈرىنى بىرىكمە كۇنۇپكا ئارقىلىق ناھايىتى تېز ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھەرقايسى تىللاردا يېزىق كىرگۈزۈش داۋامىدا ئىملاسى توغرا بولغان توققۇز قۇر تەكلىپ سۆز ھاسىل بولىدۇ، تەكلىپ سۆزلەرنى بەت ئالماشتۇرۇپ ئىزدەشكىمۇ بولىدۇ، تەكلىپ سۆزلەرنى كىرگۈزگەندە ئالدىدىكى ساننى كۇنۇپكا تاختىسىدىن بېسىش ئارقىلىق تېز كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە سۆزلەرنى كىرگۈزۈش بۆلۈكىگە قىسقارتىپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بىر قانچە ھەرپنى بېسىش ئارقىلىقلا بىر پۈتۈن سۆز بېرىكمىسىنى تېز كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ يۇمشاق ماتېرىيالغا قوللىنىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزۈش تېخنىكىسىغا ھازىرقى ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يېزىق كىرگۈزۈش سۈرئىتىنى ئادەتتىكى ھالەتتىن 30% تېزلەتكىلى، توغرا سۆز ئىشلىتىش ۋە ئىملانى توغرىلاشنى 70% يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
      2. يـېـزىـق كـىـرگـۈزۈش داۋامـىـدا، ئـۇيغـۇرچـە-خـەنـزۇچـە، ئـۇيـغـۇرچـە-خەنـزۇچـە-ئىنـگـلـىـزچـە، ئەرەبچە-ئىنگلىزچە، خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە - ئىنگلىزچە، ئىنگلىزچە - ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە، ئىنگلىزچە - ئىنگلىزچە، رۇسچە - رۇسچە، رۇسچە - ئىنگلىزچە، تۈركچە - ئىنگلىزچە، گېرمانچە - ئىنگلىزچە، گېرمانچە - رۇسچە، فرانسۇزچە-خەنزۇچە، فرانسۇزچە-ئىنگلىزچە يۈلىنىشلىك لۇغەتلەردىن پايدىلانغىلى بولىدۇ.
      3. يېزىق كىرگۈزۈش داۋامىدا يېڭى سۆزلەر ئۇچراپ قالسا (يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا كىرگۈزۈلمەي قالغان سۆزلەر) ئىشلەتكۈچىلەر سۆزلۈك ئامبىرىغا ئۆزى قوشۇۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
      4. ئەڭ ئۆلچەملىك ۋە ئەڭ سىپتا ئىشلەنگەن باسما ۋە ھۆسىنخەت نۇسخىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 نەچچە خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى. خەت نۇسخىلىرى OpenType فورماتىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، خەتلەر ناھايىتى ئوچۇق، خەت شەكلى كۆركەم، نەشرىياتچىلىق، يېزىقچىلىق، تور بەت، يۇمشاق ماتېرىيال پروگراممىچىلىقى، ئېلانچىلىق، فىلىم ئىشلەش قاتارلىق ئىش تۈرلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ.#p#分页标题#e#
      5. يېزىقچىلىق داۋامىدا ئىملاسى خاتا سۆزلەرنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ تۈزىتىش، يېزىق كىرگۈزگەندە تەكلىپ سۆزلەرنى بېرىپ توغرا ئىملانى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە تېز سۈرئەتتە سۆزلەرنى كىرگۈزۈش، ھەر بىر سۆزنىڭ ئالدىدىكى ھەرپلەر بويىچە قىسقارتىپ يېزىش ئارقىلىق بىر پۈتۈن سۆز بىرىكمىسى بويىچە تېز كىرگۈزۈش، كۆپ كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنى ئەستە ساقلىۋېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
      6. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسىغا تۇرمۇشىمىزدا ۋە خىزمەت جەريانىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسىم يازما ماتېرىياللارنى ئۇيغۇرچە، رۇسچە ۋە خەنزۇچە يېزىقچىلىق ئۆرنەكلىرى تەييارلاپ تەمىنلەندى. بۇ يېزىقچىلىق ئۆرنەكلىرىنى Microsoft Word نىڭ يېزىقچىلىق ئۆرنەكلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش ئىقتىدار بۆلۈكىدىن تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
      7. ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش داۋامىدا، ئوخشىمىغان يېزىق كىرگۈزۈش مۇھىتىغا ئاساسەن يۇنىكود ئاساسىي رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايون بويىچە تاللاپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارىمۇ تەمىنلەندى.
      8. يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈز ۋە ئۇچۇر تىزىملىكىدىكى تىل-يېزىققا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە تىل بولىقى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر تىل تەۋەلىكىگە ئاساسەن ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ.
      9. يۇمشاق ماتېرىيالدا ئالتە خىل ئۇسلۇب تاللىشى تەمىنلەندى.

1. خىل ئۇسلۇب


2. خىل ئۇسلۇب


3. خىل ئۇسلۇب


4. خىل ئۇسلۇب


5. خىل ئۇسلۇب


6. خىل ئۇسلۇب

    تېخىمۇ كۆپ ۋە يېڭى ئۇسلۇبلار ئۈزلۈكسىز ياسىلىپ تور بېكىتىمىزدە ئېلان ھەقسىز تەرمىنلىنىدۇ،  ئۇسلۇبلارنى تور بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈپ يېڭىلىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

     10. يۇمشاق ماتېرىيالغا كۆپ ئىقتىدارلىق تەھرىرلىگۈچ قوشۇلغان بولۇپ، بۇ تەھرىرلىگۈچتە ئادەتتىكى يېزىقچىلىق مەشغۇلاتى قىلىشقا، ماقالىلەرنى ئاپتوماتىك كوررېكتورلۇق قىلىشقا، ماقالىلەردىكى ھەرپ ۋە سۆزلەرنىڭ سانىنى ستاتىستىكا قىلىشقا، ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى لاتىنچە ۋە سىلاۋىيانچە ھەرپلەرگە ئاپتوماتىك ئۆزئارا ئۆرۈش ئىقتىدارىغا، ئۇيغۇرچە سىڭدۈرمە كىرگۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشتىن سىرت، يەنە ئۆلچەمسىز يۇنىكودتا (ئۆلچەمسىز كودلاش قائىدىسى) يېزىلغان ماقالىلەرنى ماقالە شەكلىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا ئۆلچەملىك يۇنىكود (ئۆلچەملىك كودلاش ئۆلچىمى) قا ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىپ ساقلاش ئىقتىدارىمۇ قوشۇلغان بولۇپ، دائىم يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىم ۋە كەسىپكارلارغا كەم بولسا بولمايدىغان يېزىقچىلىق قۇرالى بولالايدۇ.
    php ،asp ،html ،doc ،rtf ،txt فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەشكە بولىدۇ.

     11. يۇمشاق ماتېرىيالغا «تېلېفون خاتىرىسى» ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ تارماق يۇمشاق ماتېرىيالغا تۈرلەر بويىچە تېلېفون نومۇرى، ئېلخەت ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەشكە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئەسكەرتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، مۇھىم ئىش كۈنتەرتىپلىرىنى، پائالىيەتلەرنى، ئەسكەرتىشلەرنى ۋاقتى، ئورنى، تېمىسى، مەزمۇنى بويىچە خاتىرىلەپ قويغاندا، مەزكۈر ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنىڭ ۋاقتى توشقاندا ئىشلەتكۈچىگە ئەسكەرتىش ئۇچۇرى ئارقىلىق ئەسكەرتىش بېرىدۇ.

 

 

 

     12. ئۇيغۇرچە خەت بېسىش مەشىقى يۇمشاق ماتېرىيالى قوشۇلغان، يېڭى خەت بېسىشنى ئۈگىنىۋاتقان ئىشلەتكۈچىلەرگە خەت بېسىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە ئۈگىنىش ئۈچۈن تەمىنلەندى.

     13. يۇمشاق ماتېرىيالنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى بەلگىلەپ قويغان ۋاقىت بويىچە ئاپتوماتىك شىركىتىمىز تور بېكىتىگە ئۇلىنىپ، يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ يېڭى نەشرىنى ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە.

 

چۈشۈرۈش ئادرېسى
ئەسكەرتىش

☉ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن كەسپىي چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، WinRAR نىڭ v3.10 نەشرىدىن يۇقىرى نەشرى ئارقىلىق تور بېكىتىمىزدىن چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتاللارنى پرىستىن يېشىڭ.
☉مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى پەقەتلا چۈشۈرگىلى بولمىسا خاتالىق ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىڭ، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!
☉ئەگەر، مۇلازىمېتىردىن ۋاقتىنچە چۈشۈرگىلى بولمىسا، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن قايتا سىناپ بېقىڭ!
☉ئەگەر، مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مۇنبەرىگە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرۈڭ، بىز ئۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ بولغان ياخشى مەنبەلەرنى تەمىنلەيمىز.
☉مەزكۇر تور بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم سودا خارەكتېرلىك يۇمشاق دېتاللار پەقەت ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ، سودا خارەكتېرىگە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى نەشردىكى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىڭ.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------ ئايرىش سىزىقى ----------------------------
ئىنكاس يوللاش
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھالاڭ:
چىراي ئىپادە:
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار تەپسىلىي ئىنكاس يېزىش >>
سەھىپە تىزىملىكى
تەۋسىيە يۇمشاق دېتاللار