alpsoft

ئورنىڭىز: باشبەت > چۈشۈرۈش >

قوش تىللىق ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالى

تەۋە تۈرى: 国产软件 نەشر شەكلى: 共享软件 تىل-يېزىقى: 简体中文 سىغىمى: 491 MB ھۆججەت تۈرى: .exe ئىجرا مۇھىتى: Win2003,WinXP,Win2000,Win9X,Vi دەرىجىسى: ★★★★★ يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-15 ئىگە تەرەپ: http://www.alpsoft.cn سىناق ئادرېسى: http://www.alpsoft.cn چۈشۈرۈلۈشى:
تەپسىلاتى

قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ياردەمچىسى

قاچىلاش پروگراممىسى قوزغىتىلغاندىن كېيىن، يۇقىرىدىكىدەك قارشى ئېلىش كۆزنىكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىرگە يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش باشلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىن «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىن يۇمشاق ماتېرىيالنى قاچىلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرىشكە بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى رەسىمدە قاچىلاش پروگراممىسى كېرەكلىك ماتېرىياللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلىماقتا.

قاچىلاش پروگراممىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ، بۇنىڭدىن «تامام» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ، بۇنىڭدىن «جەزىملەشتۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىدۇ، «قالدۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز كومپيۇتېر قايتا قوزغىتىلمايدۇ. يۇمشاق ماتېرىيالنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يۇمشاق ماتېرىيال كومپيۇتېر ئېكران يۈزىگە يۇقىرىدىكى سىنبەلگىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ سىنبەلگىنى قوش چەككەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك يۇمشاق ماتېرىيالنى تىزىملاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىكى «خاسلىق نومۇرى» دېگەن كاتەكچىدىكى 16 خانىلىق نومۇر يۇمشاق ماتېرىيال قاچىلانغان كومپيۇتېرنىڭ خاسلىق نومۇرى بولۇپ، بۇ خاسلىق نومۇرىغا ئاساسەن «تىزىملاش نومۇرى» ھاسىل قىلىنىدۇ، »تىزىملاش نومۇرى» غا ئېرىشىش ئۈچۈن، سېتىۋالغۇچى ئۆزىدىكى «مۇلازىمەت كارتا نومۇرى» ۋە » كومپيۇتېرىنىڭ «خاسلىق نومۇرى» غا ئاساسەن ساتقۇچى تەرەپتىن «تىزىملاش نومۇرى» تەلەپ قىلىدۇ. ھەمدە ئېرىشكەن «تىزىملاش نومۇرى» نى تىزىملاش نومۇرى كىرگۈزۈلىدىغان كاتەكچە ئىچىگە تولدۇرغاندىن كېيىن «تىزىملاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تىزىملاش مەشغۇلاتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

يۇمشاق ماتېرىيال مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملانغاندىن كېيىن، ئېكراندا «تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دېگەن ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. مەزكۇر يۇمشاق ماتېرىيالنى مەزكۇر كۇمپيۇتېردا ئېرىشكەن «تىزىملاش نومۇرى» غا ئاساسەن مەڭگۈ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «تىزىملاش نومۇرى» نى پۇختا ساقلاش لازىم.

#p#分页标题#e#

تىزىملاش كۆزنىكىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ تىزىملاش كۆزنىكىدىن «جەزىملەش» كۇنۇپكىسىنى باسقاندا تىزىملاش كۆزنىكى تاماملىنىدۇ. ئاندىن يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ئېكران يۈزىدىكى سىنبەلگىسىنى قوش چىقىش ئارقىلىق يۇمشاق ماتېرىيالنى قوزغىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

يۇمشاق ماتېرىيال قوزغىتىلغاندىن كېيىن يۇقىرىقىدەك ئىشلىتىش كۆرۈنمە يۈزى ئېچىلىدۇ.

تۆۋەندىكىسى «خەنزۇچە-ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە» لۇغەت، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە» لۇغەت، «خەنزۇچە-ئىنگلىزچە» لۇغەتلەرنى قوزغىتىپ ئىشلىتىش تىزىملىكى.

 

تۆۋەندىكىسى «ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە» ئىزاھلىق لۇغەت، «ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە» ئىنسىكلوپىدىك لۇغەت، «ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە» لۇغەت، «ئىنگلىزچە-خەنزۇچە» لۇغەتلەرنى قوزغىتىپ ئىشلىتىش تىزىملىكى.

تۆۋەندىكىسى «ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خەنزۇچە» لۇغەت، «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە» لۇغەتلەرنى قوزغىتىپ ئىشلىتىش تىزىملىكى.

تۆۋەندىكىسى پىنيىن ئارقىلىق خەنزۇچە خەت ئۆگىنىش ئىقتىدار بۆلۈكى بولۇپ، بۇنىڭدا خەنزۇچە پىنيىننى بىۋاستە كىرگۈزۈش ئارقىلىق خەنزۇچە خەتلەرنى پىنيىنغا ئاساسەن ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدۇ.

 

تۆۋەندىكى رەسىمدە يان بۆلەكلەرگە ئاساسەن خەنزۇچە خەتلەرنى تېپىپ ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە پىنيىننى بىۋاستە كىرگۈزۈپ خەنزۇچە تاق خەتلەر بويىچە ئايرىم مەشىق ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئىزدەش رامكىسىغا مەلۇم خەنزۇچە سۆزلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق جۈملە مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارە، ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلىش ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قارىمۇ-قارشى سۆزلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلىش ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، خەنزۇچە خەتلەرنىڭ پىنيىنىنى تون بەلگىلىرى بويىچە توغرا كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدار بۆلۈكى كۆرسىتىلگەن.#p#分页标题#e#

تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىنى سىن ئاۋازى ئارقىلىق كۈچەيتىش ئىقتىدار بۆلۈكى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تۇراقلىق ئىبارە، ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلىش ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئىزدەش رامكىسىغا مەلۇم ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق جۈملە مەشىقى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قارىمۇ-قارشى سۆزلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلىش ئىقتىدارى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر بويىچە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئىقتىدار بۆلىكى كۆرسىتىلگەن.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، خەنزۇچە پىنيىننى كارتون فىلىم ئارقىلىق ئۆگىنىش ئىقتىدار بۆلۈكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سول يان ستوندا كۆرۈنگەن پىنيىن ھەرپلىرىنى باسقاندا ئوڭ يان ستوندا شۇ ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلىم ئارقىلىق ھەرپلەر قىزىقارلىق كارتون ئارقىلىق تەپسىلىي چۈرشەندۈرۈلىدۇ. فىلىمنى پۈتۈن ئېكران قىلىپ كۆرۈش ئۈچۈن قويۇلىۋاتقان فىلىمنىڭ ئۈستىگە مائۇس (چاشقىنەك) نى قوش چەكسە فىلىم پۈتۈن ئېكران بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى كارتون فىلىم ئارقىلىق ئۆگىنىش ئىقتىدار بۆلۈكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سول يان ستوندا كۆرۈنگەن ھەرپلەرنى باسقاندا ئوڭ يان ستوندا شۇ ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلىم ئارقىلىق ھەرپلەر قىزىقارلىق كارتون ئارقىلىق تەپسىلىي چۈرشەندۈرۈلىدۇ. فىلىمنى پۈتۈن ئېكران قىلىپ كۆرۈش ئۈچۈن قويۇلىۋاتقان فىلىمنىڭ ئۈستىگە مائۇس (چاشقىنەك) نى قوش چەكسە فىلىم پۈتۈن ئېكران بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

 

① ئىقتىدار تىزىملىكى
② تىل تاللاش تىزىملىكى
③ لۇغەت تۈرىنى تاللاش تىزىملىكى
④ ئىزدەش نەتىجىسى دىئالوگ رامكىسى
⑤ تارىخىي خاتىرىلەر
⑥ ئىزدەش رامكىسى
⑦ ئىزدەش كۇنۇپكىسى
⑧ قوشۇمچە ماتېرىياللار
⑨ شىركەت تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىش
⑩ كۆزنەكنى كىچىكلىتىش
⑪ يۇمشاق ماتېرىيالنى تاقاش
⑫ ياردەم
⑬ ئىزدەپ تېپىلغان نەتىجىلەرنى كۆرسۈتۈپ بېرىش رايونى

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
        مەزكۇر يۇمشاق ماتېرىيالغا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە كۆپ يۈلىنىشلىك لۇغەت تەمىنلەنگەن بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى نەچچە مىليۇندىن ئاشىدۇ، قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى. يۇمشاق ماتېرىيالغا كىرگۈزۈلگەن لۇغەتلەر تۆۋەندىكىچە:#p#分页标题#e#
1. خەنزۇچە-ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت
2. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت
3. خەنزۇچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
4. ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت
5. ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت
6. ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە لۇغەت
7. ئىنگلىزچە-ئىنگلىزچە ئىزاھلىق لۇغەت
8. ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە-خەنزۇچە لۇغەت
9. ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت
قاتارلىق توققۇز يۈلىنىشلىك لۇغەت قوشۇلغان.
        1) پىنيىن ئۆگىنىش بۆلۈكى: بۇنىڭدا پىنيىن بويىچە خەت ئىزدەش، پىنيىن مەشىق قىلىش ئاساس قىلىنغان.
        2) تاق سۆز ئۆگىنىش بۆلۈكى: بۇنىڭدا يەتتە مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇچە تاق خەتلەر ئۆگىنىش ئوبېكتى قىلىنغان بولۇپ، مۇشۇ خەتلەرنى پىششىق ئۆگىنـىـۋالـغـانـدىـلا، خەنزۇچە كىتاب-ژۇرناللارنى، دەرسلىكلەرنى بىمالال ئوقۇغىلى ۋە چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
        3) خەنزۇچە جۈملە مەشىقى بۆلۈكى: بۇنىڭدا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق جۈملە مەشىقى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جۈملە تۈزىلىدىغان سۆزنى كىرگۈزگەندە، شۇ سۆزنى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالـغـان جۈملىلەر ۋە بۇ جۈملىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆرۈنىدۇ.
        4) خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر ۋە ماقال-تەمسىللەر بۆلۈكـى: بۇنـىـڭـدا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق تۇراقلـىـق ئىـبـارە ۋە مـاقـال-تەمـسـىـلـلـەر كىرگـۈزۈلـگـەن، ئىشلـەتكۈچـىـلـەر بـىـرلا ۋاقـىـتـتـا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە پىنيـىـن بېرىلگەن تـۇراقـلـىـق ئــىــبــارە ۋە ماقــال-تەمــســىــلــلـەرنى ئىزدىلىنىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق تېپىپ چىقالايدۇ.
        5) خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قارىمۇ-قارشى سۆزلەر بۆلۈكى: بۇنىڭدا ئىككى مـىـڭـدىن ئارتـۇق كـۆپ ئـىـشـلـىـتـىـلـىـدىـغـان قارىـمـۇ-قـارشــى سـۆزلــەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر بىرلا ۋاقىتتا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچـە پىنيىن بېرىلگەن قارىمۇ-قارشى سۆزلەرنى ئىزدىلىنىدىغـان سـۆزلـەر ئارقىلىق تېپىپ پايدىلىنالايدۇ.
        6) خەنزۇچە خەتلەرنى پىنيىنگە ئايلاندۇرۇش بۆلۈكى: بۇ ئىقتىدارنى قوزغاتـقـانـدىـن كـېـيـىـن، ئىشلەتكۈچىلەر ئايلانـدۇرمـاقـچـى بـولـغـان مـەلـۇم تېكىست ۋە سۆزلەرنى تېكىست رامكىسىغا چاپلاپ ئايلاندۇرۇش كۇنۇپكىسـىـنـى باسقاندا، ئاستىدىكى تېكىست رامكىسىدا ئايلاندۇرۇلـمـاقـچـى بـولـغـان خەنـزۇچـە خەتـلـەرنىڭ تـون بەلـگـىـسـى قويۇلغان پىنيىنلىرى چىقىدۇ.
        7) ئۇيغۇرچە جۈملە مەشىقى بۆلۈكى: بۇنىڭدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاددىي ۋە مۇرەككەپ جۈملە ئۆرنەكلىرى تەمىنلەنـگـەن بولۇپ، ئـىـشـلـەتـكۈچـى سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ جۈملە تۈزۈش مەقـسـىـتـىـگـە يېتىپ، جۈملە تۈزۈش مەشىقى ئېلىپ بارالايدۇ.
        8) ئۇيغۇرچە تۈپ سۆزلەر مەشىقى: بۇنىڭدا 12 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بـىـر سـۆزنـىـڭ پـېـئـىـلـلـىـرى ئەسـكـەرتـىـلـگـەن، ئىشلەتكۈچـىـلـەر بـۇ سـۆزلـەرنـىـڭ تـوغـرا ئـىـمـلا قائىدىـسـىـنـى ئۆگىـنـەلـەيـدۇ، ھەم جۈملە تۈزۈش مـەشىقى بۆلۈكىدە پايدىلىنالايدۇ.
        9) قوشۇمچە ماتېرىياللار بۆلۈكى: بۇنىڭدا 19 خىل مەزمۇندىكى پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بـولـغـان مـاتـېـرىـيـالــلار كـىـرگـۈزۈلـگـەن بـولـۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت ئىشلىرىدا ئۈنۈمـلـۈك پـايـدىـلـىـنـىـش مـاتـېـرىـيـالى بولالايدۇ.

 

چۈشۈرۈش ئادرېسى
ئەسكەرتىش

☉ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن كەسپىي چۈشۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، WinRAR نىڭ v3.10 نەشرىدىن يۇقىرى نەشرى ئارقىلىق تور بېكىتىمىزدىن چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتاللارنى پرىستىن يېشىڭ.
☉مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى پەقەتلا چۈشۈرگىلى بولمىسا خاتالىق ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىڭ، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!
☉ئەگەر، مۇلازىمېتىردىن ۋاقتىنچە چۈشۈرگىلى بولمىسا، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن قايتا سىناپ بېقىڭ!
☉ئەگەر، مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مۇنبەرىگە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرۈڭ، بىز ئۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ بولغان ياخشى مەنبەلەرنى تەمىنلەيمىز.
☉مەزكۇر تور بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم سودا خارەكتېرلىك يۇمشاق دېتاللار پەقەت ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ، سودا خارەكتېرىگە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى نەشردىكى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىڭ.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------ ئايرىش سىزىقى ----------------------------
ئىنكاس يوللاش
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھالاڭ:
چىراي ئىپادە:
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار تەپسىلىي ئىنكاس يېزىش >>
سەھىپە تىزىملىكى
تەۋسىيە يۇمشاق دېتاللار